رۇسىيە ئايروپىلانلىرى ئىراندىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ سۇرىيەدىكى تېررورچىلارغا زەربە بەردى
2016.08.19 14:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى 17-ئاۋغۇست يەنە بىر قېتىم ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خامادان ھەربىي بازىسىدىن ئۇچۇپ، سۇرىيە تەۋەسىدىكى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 17-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ سۇ-34 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى قوماندانلىق ئىشتابى ۋە دالا ئۇرۇشى گازارمىسىنى ۋەيران قىلدى، چەتئەللىك ياللانما ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 150 تىن ئارتۇق قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ تاشلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر