باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە 18-ئاۋغۇست ھەربىي چېگرا سىزىقى ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك توپقا تۇتۇش مەشىقى قىلىشنى بېكىتتى

2016.08.19 14:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە SBS تورىنىڭ 18-ئاۋغۇستتىكى خەۋېرىگە قارىغاندا، كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى 18-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن چاۋشيەن-كورىيە ھەربىي چېگرا سىزىقىغا يېقىن جايدا تارىختىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان توپقا تۇتۇش قارغا ئېتىش مەشىقى قىلىپ، ئۆتكەن يىلى چاۋشيەننىڭ توپقا تۇتۇشى ۋە مىنا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىغا تاقابىل تۇرۇشقا بولغان قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن.

  كورىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مۇنداق دېدى: 18-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن تۆت مىنۇت ئۆتكەندە چاۋشيەن-كورىيە ھەربىي چېگرا سىزىقىغا يېقىن جايدىكى بارلىق ئالدىنقى سەپ قىسمى بىرلا ۋاقىتتا توپچى قىسىمنىڭ قارغا ئېتىش مەشىقى ئېلىپ بارىدۇ.

  بۇ قېتىم قارغا ئېتىش مەشىقىغە قاتنىشىدىغان توپچى قىسىم جەمئىي 49 چوڭ ئەترەت بولۇپ، ئۇلار 300دىن ئارتۇق توپ ئاتىدۇ، بۇ كورىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى توپچى قىسمى قارغا ئېتىش مەشىقى تارىخىدىكى كۆلمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىقى، بۇنىڭدىن مەقسەت كورىيە ئارمىيەسىنىڭ چاۋشيەننىڭ ئېغىۋارگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر