باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ نۇرغۇن قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق ئۇل ئەسلىھە كەمتۈكىنى تولۇقلىدى

2016.08.19 14:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىنجاڭ ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش بىلەن يېڭى ئىستېمالنى قېزىشنى، يېڭى ئىقتىسادنى يېتىلدۈرۈش بىلەن تىپىنى ئۆزگەرىتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ 20دىن ئارتۇق نۇقتىلىق تۈردە قۇرۇلۇش باشلاپ، ئۇل ئەسلىھە كەمتۈكىنى تولۇقلايدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى: ھازىر تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئالدىنقى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ 9-ئايدا بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تۆمۈر يول تارماق لىنىيەسى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى، لەنجۇ-ئۈرۈمچى تۆمۈريولى بىرلەشمە لىنىيەسى، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ئۈرۈمچى تۆمۈر يول تۈگىنى ئۈرۈمچى غەربى ۋە ئۈرۈمچى شىمالىي بىرلەشمە لىنىيەسى، قاراماي-چۆچەك تۆمۈر يولىدىن ئىبارەت 4 تۆمۈر يول تۈرىدە ئىش باشلاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ شىمالىي يول قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. سۇچىلىق جەھەتتە، سارتوقاي سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ شەھەر يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى تۈرىنى تېزلىتىدۇ، يەنە بىر تۈركۈم ئوتتۇرا تىپتىكى سۇچىلىق تۈرلىرىدە ئىش باشلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئاۋىياتسىيە جەھەتتە، يەكەن ئايرودۇرۇمى، چاقىلىق ئايرودۇرۇمى، كورلا ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش تۈرىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىرگە، تىرىشىپ ئالتاي ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش تۈرى، چۆچەك ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش تۈرى ۋە ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش تۈرىدە ئىش باشلايدۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ خەلقئارا ئاۋياتسىيە تۈگى مەركىزىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى پائال تەييارلىق كۆرۈپ، تىرىشىپ 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا كېلەر يىلىدىكى يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ يىل شىنجاڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىدىن 440نى ئورۇنلاشتۇردى، 7-ئاينىڭ ئاخىرى 52 نۇقتىلىق تۈردە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر