باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ھەر تەرەپلىمە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئۆستى

2016.08.19 14:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزا ئىگىلىك خىزمىتىدە تەمىنلەشنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ئۆزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىم يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

  ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش-شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇپ كەلدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى تەڭشەلگەن چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، شىنجاڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئۇدا 9-يىل مول ھوسۇل ئېلىشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلىرىدىنمۇ ياخشى ھوسۇل ئېلىندى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇغداينى ئاساس قىلغان ئاشلىق ساھەسىدىكى تەمىنلەشنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇپ، بۇغدايچىلىقنى ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكلەشتىن ئىستېمالغا يېتەكلەشكە تېخىمۇ ئۆزگەرتىپ، بۇغداي سورتلىرىنى كۆپەيتىش، ئۆستۈرۈشنىڭ ھالقىلىرىغا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتكەن، بۇغداينى كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئورگانىك بۇغداي تېرىش بازىلىرى، بۇغداي يېتىشتۈرۈش كارخانىلىرى، بۇغداي پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنى تاللاپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتىكى تەمىنلەشنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بۇغداي مەھسۇلاتىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون بويىچە شايار، بۈگۈر، لوپنۇر، بورتالا، ساۋەن قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەردىكى يەتتە كارخانىدا پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى تەمىنلەشنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. سىناق خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى-خەلقئارانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى خام پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پاختا سورتلىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېۋەز ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا ماس كېلىدىغان سورت تىزىملىكىنى ئورنىتىپ، شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىش، يىغىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ماھارىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نۇسخىلىغىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، شىنجاڭ پاختىچىلىقىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىغا ئىشەنچلىك ئەمەلىي ئاساس ھازىرلاپ بېرىشتىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر