باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا يېنىك قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ئاپتوموبىلنى يۆتكىمىگەنلەر جازالىنىدۇ

2016.08.22 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىندا مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە: قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ئۈنۈملۈك توسۇش ئۈچۈن، بېيجىڭدا "يېنىك قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە بەلگىلىمە بويىچە نەق مەيداندىن ئاپتوموبىلىنى ئۆزلۈكىدىن يۆتكىمىگەن"دېگەندەك قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، يۆتكەشكە تېگىشلىك ئاپتوموبىلنى يۆتكىمىگەن ھادىسىگە ئالاقىدار كىشىلەرنى قانۇن بويىچە جازالايدىكەن. بۇلار ئىچىدە، ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن بەلگىلىمە بويىچە نەق مەيداندىن ئاپتوموبىلنى ئۆزلۈكىدىن يۆتكىمەي، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاسىتە ئالاقىدار كىشىلەرگە 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ۋەقە بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسىدىكى مەسئۇل خادىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئومۇمەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى يوللاردا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئارا يۈز بېرىپ، ئاپتوموبىل پەقەتلا ماددا زىيانغا ئۇچرىغان، ھەمدە ئاپتوموبىلنى يۆتكەشكە بولىدىغان قاتناش ھادىسىسىدە، بىۋاسىتە ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل ئىسپاتنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنى دەرھال قاتناشقا دەخلى قىلمايدىغان جايغا يۆتكەپ، كېڭىشىپ ھەل قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر