باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىشتە مەبلەغ ۋە تۈر جەھەتتە نامرات رايونلار ۋە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ئېتىبار بېرىلدى

2016.08.22 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىشتە مەبلەغ ۋە تۈر جەھەتتە نامرات رايونلار ۋە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ئېتىبار بېرىلدى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، %75 تىن كۆپ نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدى، %95تىن كۆپ نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ناھىيە، شەھەر ھەمدە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلاملارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شىنجاڭ ئىزچىلار گىلەم زاۋۇتىنىڭ باشلىقى فەررۇخ پەرھاد قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئاتۇش كىچىك، مىكرو كارخانا كەسىپ باغچىسىنىڭ پۈتتۈرۈلگەنلىكى ۋە سودىگەر چاقىرىشقا باشلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ يەرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، باغچىدا زاۋۇت قۇرۇپ، 243 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئاتۇش شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى كۇنشەن نىشانلىق ياردەم بېرىش ئاتۇش ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شېن لىشىن مۇنداق دېدى: كۇنشەن نىشانلىق ياردەم بېرىشتە نامراتلارنى يۆلەش يولىدا مېڭىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسلىق يولى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق قىزىلسۇدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئىشچى ئابدۇرېھىم ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا سىمونت زاۋۇتىدا ئىشلەيدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: جېجياڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە نۇرغۇن كارخانىلارنى شۇ جايغا ئورۇنلاشتۇردى، يەرلىك دېھقانلار ئۆيىگە يېقىن يەردىلا ماھارەت جەھەتتە تەربىيەلەندى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتى. شاڭخەي ياردەم بېرىپ قۇرغان پوسكام ناھىيەلىك خەلق تۇرمۇشى ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا پاتىگۈل سودىگەرلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇردى. كەشتىچىلىك ۋارىسى بولغان پاتىگۈل كەسىپلەشتۈرۈپ مەشغۇلات قىلىشنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ 36 دۇكىنى ۋە 16 زاۋۇتى بار بولدى، ئۇ مەشىق بازىسىدا يۈزگە يېقىن پىشقان تېخنىكنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. پاتىگۈل خېرىدارلار بىلەن توختاملاشقاندىن كېيىن، ئۇنى بىر قانچە كىچىك توختاملارغا بۆلۈپ، تېخنىكلارغا ئۆيىدە ئىشلەپچىقىرىشقا تاپشۇردى، شۇ جايدىكى 200 دىن ئارتۇق ئائىلە ئايىلى بۇنداق «شىركەت+ئاھالە» تىپىدىكى توختاملىشىپ ئىشلەپچىقىرىش قېلىپىدىن نەپ ئالدى، ئۇلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 1500 يۈەندىن ئاشتى. ھازىر 500 دىن ئارتۇق كىشى باغچا رايونىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جياڭشى ئۆلكىسىمۇ ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى جياڭشى سانائەت باغچىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق، 1300 دىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆيىگە يېقىن يەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىشىگە يار-يۆلەك بولدى. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجۇ شەھىرى بىر تۈركۈم چوڭ كەسىپ تۈرلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق، كۇيتۇن ۋە ئىلى دەرياسى جىلغىسى رايونىدىكى 3000 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئەمگەك كۆپ تەلەپ قىلىدىغان كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلدى، گۇاڭدۇڭ سىكى شىركىتىلا نامرات ئائىلىلەردىكى ياشلارنى 4000 دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر