باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

25- نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى باشلاندى

2016.08.22 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى تۇرپان خەلقئارا گۆھەر قاشتېشى، غەلىتە تاش كۆرگەزمىسى 20- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن تۇرپان گۆھەر قاشتېشى، غەلىتە تاشلار كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۈزۈم بايرىمى ۋە تاش كۆرگەزمىسىنى ش ئۇ ئا ر ساياھەت ئىدارىسى، تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان، پائالىيەت 20-ئاۋغۇستتىن 6-سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ مەزگىلدە 100 خىلدىن ئارتۇق ئۈزۈمنى كۆرگەزمە قىلىش، باھالاش، ئۈزۈم ئۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن، شۇنداقلا ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا تۇرپان ئۈزۈم ھارىقىنىتېتىپ پەرقلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن؛ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، رەسىم سىزىش ۋە فوتو سۈرەت، ناخشا-ئۇسسۇل، ئويمىچىلىق قاتارلىق ئۈزۈم مەدەنىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، تۇرپاننىڭ ئېكولوگىيەلىك ئۈزۈم شەھىرى داڭلىق ماركا ئوبرازى بەرپا قىلىنىپ، كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلىدىكەن. پائالىيەتتەناخشا-ئۇسسۇل مۇسابىقىسى، مەدەنىيەت–سەنئەت، ساياھەت، قاشتېشى مەدەنىيىتى، يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، شەكلى سەرخىل، مەزمۇنى مول، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار ـــ تۇرپاننىڭ قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقىنى نامايان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى:موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر