باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بارلىق تۈردىكى ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇت

2016.08.22 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى «"12- بەش يىل" ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك ئەھۋالى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ يېمەكلىك ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى ئاللىقاچان ئايرىم-ئايرىم ھالدا 11 مىليارد 592 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە 70 مىليارد 680 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. نازارەت قىلىش نەتىجىسىدە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، بارلىق تۈردىكى ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە دۆلىتىمىز يېمەكلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئىكەن.

  «ئاق تاشلىق كىتاب»تا كۆرسىتىلىشىچە، "12- بەش يىل"مەزگىلىدە جايلاردىكى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ چىققان لاياقەتسىز يېمەكلىكلەر 109 دۆلەت (رايون)دىن كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 70%ى ياۋروپا ئىتتىپاقى، تەيۋەن رايونى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدىن كەلگەن ئىكەن. سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لىن ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "12- بەش يىل" مەزگىلىدە، جايلاردىكى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش ئورگانلىرى ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەردىن تەكشۈرۈپ چىقارغان لاياقەتسىز يېمەكلىكلەر جەمئىي 68 مىڭ توننا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي پۇل سوممىسى 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولدى. بۇ لاياقەتسىز مەھسۇلاتلار بارلىق يېمەكلىك تۈرىگە چېتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمى پېچىنە، پىرەنىك، ئىچىملىك، دان ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار ۋە سۈت ياسالمىلىرى دۇر.ئۇلارنىڭ لاياقەتسىز بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبشۇكى، مىكرو ئورگانىزملىق بۇلغىنىشى ئېغىر بولۇش، سۈپىتى لاياقەتسىزبولۇش، يېمەكلىك خۇرۇچى لاياقەتسىز بولۇش دېگەنلەردىن ئىنبارەت.

  سۈت مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ بوۋاقلار-بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ بىخەتەرلىكى ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەر ئىچىدىكى ئەڭ دىققەتنى قوزغايدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. "12- بەش يىل" مەزگىلىدە، سۈت پاراشوكىنىڭ يىللىق ئىمپورت قىلىش مىقدارى بىر مىليون توننىدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئىككى ھەسسىچە مىقدارىنى ئىگىلىگەن. بوۋاقلار-بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ يىللىق ئىمپورت قىلىش مىقدارى ئىككى ھەسسىدىن يۇقىرى كۆپىيىپ، 2015- يىلى 176 تونناغا يەتتى. لىن ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بوۋاقلار-بالىلار سۈت پاراشوكى جەھەتتە، 15 دۆلەتنىڭ 67 تۈرلۈك لاياقەتسىز بولغان بوۋاقلار-بالىلار سۈت پاراشوكى تەكشۈرۈپ چىقىلدى. بۇ 67 تۈرلۈك بوۋاقلار-بالىلار سۈت پاراشوكى ئاساسلىق يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، كورېيە قاتارلىق 15 دۆلەتتىن ئىمپورت قىلىنغان. بۇ مەھسۇلاتلار جەمئىي 133.6 توننا، چېتىشلىق پۇل سوممىسى 21 مىليون 760 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى. لاياقەتسىز بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، ماركا سۈپىتى لاياقەتسىز، بۇلغىنىش دەرىجىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن دېگەندەك سەۋەبلەر دۇر.

  تەكشۈرۈپ چىقىلغان لاياقەتسىز يېمەكلىكلەرگە قارىتا، جايلاردىكى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش ئورگانلىرى بەلگىلىمە بويىچە، قايتۇرۇۋېتىش ياكى كۆيدۈرۈۋېتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۇلارنىدۆلەت ئىچىدىكى بازارغا كىرگۈزمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر