باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لەنجۇ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بوۋېن ئىنستىتۇتى مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىسى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن خىزمەتتىن قوغلاندى قىلىنغانلىقىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇردى

مەكتەپ تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ بۇ ئىشنى تەكشۈرمەكچى بولدى

2016.08.22 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لەنجۇ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى بوۋېن ئىنستىتۇتىنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىسى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن خىزمەتتىن قوغلاندى قىلىنغانلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بەس-مۇنازىرىدە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. 20- ئاۋغۇست، لەنجۇ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى بوۋېن ئىنستىتۇتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: لەنجۇ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ليۇ لىڭلى مۇئەللىمنىڭ ئىشى توغرىلىق توردا بەس-مۇنازىرە بولۇپ تارقىلىپ يۈرگەن بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، بوۋېن ئىنستىتۇتىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، ئىنستىتۇتىمىز تەكشۈرۈشكە ئاكتىپ ماسلىشىپ، ھەمدە ليۇ لىڭلى مۇئەللىمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇپ، قېپقالغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىمىز.

  2014- يىلى 7- ئايدا، ليۇ لىڭلى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندى. كېيىن، ئۇنىڭ ئۇدا ئىشتىن قالغانلىق سەۋەبىدىن، بوۋېن ئىنستىتۇتى ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 2015- يىلى 5- ئايدا، ليۇ لىڭلى لەنجۇ شەھىرى يۈجۇڭ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى. شۇ يىلى 10- ئايدا، يۈجۇڭ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ مۇنۇلارنى دېدى: جاۋابكارنىڭ ئىككى تەرەپ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش قارارى ئىناۋەتسىز، ئىككى تەرەپ ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك. بۇ ھۆكۈمگە قارىتابوۋېن ئىنستىتۇتى لەنجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇندى. گەرچە ئىككىنچى سوتتىمۇ ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قېلىش قارارى چىقىرلغان بولسىمۇ، ھەتتا بۇ يىل 14- ئاۋغۇست ليۇ لىڭلى ۋاپات بولغىچىمۇ، ئىنستىتۇت تەرەپ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھۆكۈمنى ئىجرا قىلمىغان ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر