باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

توماس باخ: ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىرازىلىيەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ناھايىتى ماسلاشقان ھالدا ئۆتكۈزۈلدى

2016.08.22 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رىئودى ژانىرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېپىلىش ئالدىدا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ 20-ئاۋغۇست ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخبارات مەركىزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رىئودى ژانىرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 16 كۈن شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ناھايىتى ماسلاشقان ھالدا ئۆتكۈزۈلدى، ناۋادا بۇندىن كېيىن يەنە تاللاش پۇرسىتى بولسا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزىدۇ.

  باخ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا دۇنيادىكى تاماشابىنلار ئېسىل مۇسابىقىلاردىن ھوزۇرلاندى، نۇرغۇن تەسىرلىك ھىكايىلەر يۈز بەردى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ بۈگۈنگە قەدەر، رىئودى ژانىرو ئولىمپىك تەشكىلى كومىتېتى، ھەر قايسى تەنتەربىيە تۈرلىرى تەشكىلاتى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئولىمپىك كومىتېتلىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مىسلىسىز قاتنىشىشى ۋە قوللىشى ئۇلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر