باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە زوڭلىسى رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ، دېدى

2016.08.23 11:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى (پارلامېنت يۇقىرى پالاتا)نىڭ ئەزاسى ئىگور مولوزوف، رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام خەلىپىلىكى»نىڭ تايانچ نۇقتىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىشىدە، تۈركىيەنىڭ ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسى رۇسىيەنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بازىسى، دېدى.

  تۈركىيە زوڭلىسى يىلدىرىم 20-ئاۋغۇست ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئەگەر ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، رۇسىيە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئىشلىتىۋاتقان ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشسا بولىدۇ، دېدى.

  ئىنجىرلىك بازىسى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيە بىلەن سۇرىيە چېگراسىغا تەخمىنەن 110 كېلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇن بۇ بازىنى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى «ئىسلام خەلىپىلىكى»گە زەربە بېرىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا يەنە نەچچە ئون يادرو قورالى ساقلىماقتا.

  ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى» 20-ئاۋغۇست مولوزوفنىڭ: «پەقەت ئەردوغان بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلساقلا، ش ئا ئە ت ئىشلىتىۋاتقان ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بىز ئاساسلىق ھاۋا ئارمىيە بازىسى قىلىپ ئىشلىتەلەيمىز»، دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلدى.

  مولوزوف: «سىلەر بىزنىڭ كېيىنكى بازىمىزنىڭ ئىنجىرلىك ئىكەنلىكىنى بايقايسىلەر، بۇ پۇتىننىڭ يەنە بىر غەلىبىسى بولۇپ قالىدۇ»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر