خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆيۈۋاتقىلى 17 كۈن بولغان ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتى داڭلىق ماراكانا تەنتەربىيە مەيدانىدا ئاستا-ئاستا ئۆچتى، 31-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شۇ جاي ۋاقتى 21-ئاۋغۇست كەچ ئاخىرلاشتى.
بۇ قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 207 دۆلەت ۋە رايوننىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى بەش ھالقىلىق بايراقنىڭ ئاستىدا جەم بولدى، شۇنداقلا مۇساپىرلار تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشتى. رىئودى-ژانىرودىكى مۇسابىقىلەردە پۈتۈن دۇنيادىكى تەنھەرىكەت ماھىرلىرى 27 تۈردە دۇنيا رېكورتىنى يارىتىپ، 91 تۈرلۈك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. 59 دۆلەت ۋە رايون ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، 87 ۋەكىللەر ئۆمىكى مېدالغا ئېرىشتى، مىقدار جەھەتتە ھەممىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن ئېشىپ، نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلار رىئودى-ژانىرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم ئالتۇن مېدال، مېدالغا ئېرىشەلمەسلىكتەك ئەھۋالغا خاتىمە بەردى.
جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي 26 ئالتۇن مېدال، 18 كۈمۈش مېدال، 26 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، مېدال سانىدا 3-ئورۇندا تۇردى شۇنداقلا ئۈچ كىشى، بىر كوماندا بەش قېتىم بەش تۈردە دۇنيا رېكورتى ياراتتى، توققۇز كىشى، بىر كوماندا 13 قېتىم 12 تۈردە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى