باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لەنجۇ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بوۋېن ئىنستىتۇتى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ھەمدە كەچۈرۈم سورىدى

2016.08.23 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، "گەنسۇدىكى ئالى مەكتەپتە ئايال ئوقۇتقۇچىسى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش مەزگىلىدە خىزمەتتىن قوغلاندى قىلىنغان"لىق توغرىسىدىكى بۇ ئىش، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى. 22- ئاۋغۇست كەچ، لەنجۇ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بوۋېن ئىنستىتۇتى ھۆكۈمەت تورى ئارقىلىق ليۇ لىڭلى مۇئەللىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە ئەپۇ سوراش خېتى يوللاپ، مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەشتىن بۇرۇن ئالدىراپلا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش قارارىنى چىقارغانلىقى، ھەقىقەتەن خاتا ئىكەنلىكىنى دېدى.

  لەنجۇ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بوۋېن ئىنستىتۇتى يېقىندا خىزمەتتىن قوغلاندى قىلىنغان ئايال ئوقۇتقۇچى ليۇ لىڭلى بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بوۋېن ئىنستىتۇتى 20- ئاۋغۇست بېسىپ تارقاتقان ھۆججەتتە مۇنۇلارنى ئېنىق دېدى: مەزكۇر مەكتەپنىڭ كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جياڭ شۆيۈن، ليۇ لىڭلى مۇئەللىمگە ئائىت ئالاقىدار ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا خىزمەتتە سەۋەنلىك سادىر قىلغان، مەكتەپ جياڭ شۆيۈننىڭ ۋەزىپىسىنى توختىتىپ قويۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلدى. بوۋېن ئىنستىتۇتنىڭ تامغىسى بېسىلغان "يولداش ليۇ لىڭلىنىڭ ئىش ھەققى ۋە دەپنە قىلىش نەپىقە پۇلى تولۇقلاش تەپسىلىي جەدۋىلى"دېگەن يەنە بىر پارچە ماتېريالدا كۆرسىتىلىشىچە، بوۋېن ئىنستىتۇتىنىڭ ليۇ لىڭلىغا تولۇقلاپ بەرگەن ئىش ھەققى ۋە دەپنە قىلىش نەپىقە پۇلىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تۈرنى قوشقاندا 72مىڭ يۈەن بولغان ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر