خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە نامراتلارنى يۆلەشتە مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش جەھەتتە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. 18- ئاۋغۇستتا، شېنخۇا گۇرۇھىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش ۋە كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىنى ياردەم قىلىپ سېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ھازىر ئوقۇۋاتقان خوتەنلىك سىتۇدېنتلاردىن500 نەپەر پەزىلەتلىك ۋە ئەلاچى نامرات ئوقۇغۇچى، ھەر بىرى 5000 يۈەندىن شەپقەت ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، شېنخۇا گۇرۇھى 21 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە قۇرۇلۇش كۆلىمى 4896 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تۆت قەۋەتلىك ۋە ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش بىناسى سالماقچى ئىكەن، كېلەر يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى يېڭى ئوقۇش يىلىدىن باشلاپ ئىشلىتىشكە باشلايدىكەن.
بۇ، شېنخۇا گۇرۇھى 2015- يىلى 8- ئايدا نامرات ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 2 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىئانە قىلىپ، كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسىغا 5 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەكتەپ قۇرۇش ياردەم پۇلى ئىئانە قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلارنى يۆلەش ۋە مائارىپقا ياردەم بېرىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق تەدبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئارال يېزىسى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى پۈتكەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى بىر ھەسسە كېڭەيتىپ، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شۇ ئەتىراپتىكى ئالتە كەنتتىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە تەمىنلەپ بېرىلىدىكەن.
يېقىندىن بېرى، شېنخۇا گۇرۇھى مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، يەنە 27 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپقا ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، داۋالىنىش ياردىمى، ياردەم بېرىپ زاۋۇت قۇرۇش، ئالاھىدە تېرىقچىلىقنى كېڭەيتىش، ئۇل ئەسلىھە ياساش دېگەندەك خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان 80نەچچە تۈرلۈك پائالىيەتنى يولغا قويدى. ھازىرغا قەدەر، شېنخۇا گۇرۇھى جەنۇبىي شىنجاڭدا جەمئىي 48 مىليون يۈەن پۇل ئىئانە قىلىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى. شىنجاڭ ئاپتونوم رايوننىڭ "ئەلرايىنى بىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش" پائالىيىتىدە، شېنخۇا گۇرۇھىنىڭ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى 1500 ئائىلىلىك ئۇيغۇر دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى يۆلىدى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋە ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچى مەنبەسىنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى % 100كە يەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە : خەلق تورى