باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شەھەر پاكىزلىقى ئۈچۈن بىر ئادەم مەينەت بولساق ئەرزىيدۇ»

2016.08.23 16:03   مەنبە: خەلق تورى

«شەھەر پاكىزلىقى ئۈچۈن بىر ئادەم مەينەت بولساق ئەرزىيدۇ»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىشچىلار ۋاقت گېزىتىدىن روشەنگۈل ئابدۇراخمان خەۋىرى) چۈش ۋاقتى سائەت ئىككى. ئۈرۈمچى شەھىرى خابا كوچىسىدىكى ئەۋرەز يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى (گۇرۇھى) كېرەكسىز سۇ چىقىرىش شىركىتى تەڭرىتاغ رايونى 2 – گۇرۇپپىسىدىكى ئەزىمەتلەر ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولىدىكى ئەۋرەز يولىنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى. ئۇلار يۇقىرى بېسىملىق سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى، ئەخلەت ئاپتوموبىلىنى ئەۋزەر قۇدۇقىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ، قولمۇ – قول ھەر بەش مېتىر ئارىلىققا بىردىن ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىنى تېزىپ، يولدىن ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللارنى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ مېڭىشىقا ئاگاھلاندۇردى.

  «ھىدروگېن سۇلفىد 0، كاربون تۆت ئوكسىدى 0، ئوكسىگىن %20.9، قۇدۇق ئاستىنىڭ ھاۋاسى مەشخۇلات قىلىشقا ماس كىلىدۇ.» بىخەتەرلىككە مەسئۇل خادىم قولىدىكى تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىكى سانلارنى جەدۋەلگە خاتىرلىگەچ ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى (گۇرۇھى) كېرەكسىز سۇ چىقىرىش شىركىتى تەڭرىتاغ رايونى 2 – گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ خۇيگە ئەھۋال مەلۇم قىلدى. بۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى (گۇرۇھى) كېرەكسىز سۇ چىقىرىش شىركىتى تەڭرىتاغ رايونى 2 – گۇرۇپپىسىدا ئىشلىگىنىگە بىر يېرىم يىل بولغان 44 ياشلىق گۇرۇپپا ئەزاسى ئابلاجان روزى ئاللىبۇرۇن كاۋچۇكتىن ئىشلەنگەن خىزمەت فورمىسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئوكسگىنلىق نىقابىنى تاقاپ، قۇدۇق ئاستىغا چۈشۈشكە تەييارلىنىپ بولغانىدى.

  «بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ چەگدىڭىلارمۇ؟ ئوكسىگىن نەيچىسىنى ئەركىن قويۇپ بېرىڭلار». گۇرۇپپا باشلىقى جاڭ خۇي ئابلاجان روزى بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغۇچە، ئۇنىڭ بىلىگە باغلانغان بىخەتەرلىك تاسمىسى ۋە ئوكسىگىن نىقابىنى تەكشۈرۈپ چىقتى.

  - چۇڭقۇرلۇقى ئۈچ مېتىرغا يەتمەيدىغان ئەۋرەز قۇدۇقلىرىنى گۈرجەك بىلەن تازىلايمىز، چۇڭقۇرلۇقى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدىغان بۇنىڭدەك چوڭ قۇدۇقلارنى مەخسۇس ئادەم قۇدۇق ئاستىغا چۈشۈپ تازىلايدۇ، ھەر كۈنى بىر خىزمەتچى نۆۋەتلىشىپ قۇدۇق ئاستىغا چۈشىدۇ. ئەۋرەز قۇدۇقىغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى قۇدۇق ئىچىنىڭ ھاۋا تەركىبىنى تەكشۈرىمىز، قۇدۇق ئاستىغا چۈشىدىغان خىزمەتچى بىلەن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ۋە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاش بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبى،- دەپ چۈشەندۈردى گۇرۇپپا باشلىقى جاڭ خۇي «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىغا.

  ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى (گۇرۇھى) كېرەكسىز سۇ چىقىرىش شىركىتى تەڭرىتاغ رايونى 2 – گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان جەڭگىۋار قوشۇن. بۇ قوشۇندىكى 14 ئەزىمەت ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى 110 مىڭ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئەۋزەر يولى ۋە 3800 دىن ئارتۇق ئەۋزەر قۇدۇقىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  - بۇ قۇدۇقتىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئېقىش ئەھۋالى تازا نورمال ئەمەس. ئالدىدىكى قۇدۇقنى ئېچىپ كۆرۈپ باقايلى،- گۇرۇپپا باشلىقى جاڭ خۇي شۇنداق دېگىنىچە ئىككەيلەننى باشلاپ، 20 مېتىر يىراقلىقتىكى يەنە بىر قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئەھۋال كۆزەتتى.

  26 يىللىق مول خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە جاڭ خۇي ھازىر يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئىقىش ئەھۋالىغا قاراپلا، ئەۋرەز يولىدا مەسىلە بار – يوقلىقىنى بايقىيالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەنىدى.

  - ئابلاجان ئەۋرەز ئېرىقچىسىكى ئەخلەتلەر تۈگىگەندەكمۇ؟، - جاڭ خۇي 20 مېتىر يىراقلىقتىكى قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئەھۋالنى كۈزەتكۈچە، ئابلاجان روزى بۇ قۇدۇقتىن تۆت چىلەك يىغىندا ئەخلەتنى سۈزۈپ چىقتى.

  - ئابلاجان جاڭ خۇيغا قاراپ بېشىنى لېڭشىتىپ، قولىدىكى چىلەكنى كۆرسىتىپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ «بىر»نى ئىپادىلىدى.

  - يۇقىرى بېسىملىق سۇنى تەييار قىلىڭلار، ئابلاجان ئاخىرقى بىر چىلەك ئەخلەتنى سۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەۋزەر يولىدىكى توسالغۇنى ئاچىمىز،- دېدى جاڭ خۇي خىزمەتچىلەرگە.

  ئابلاجان روزى ئاخىرقى بىر چىلەك ئەخلەتنى سۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، 200 پاسكال بېسىمدىكى سۇنى شىلانكا ئارقىلىق ئەۋرەز يولىغا كىرگۈزۈپ، ئەۋرەز يولىدا توسىلىپ قالغان يىغىندا ئەخلەتلەرنى بېسىم بىلەن ئەۋرەز كۆلچىكىگە چۈشۈرۈپ، ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا يىغىندا ئەخلەتلەرنى سۈزۈپ چىقتى.

  - تۇنجى قېتىم قۇدۇق ئاستىغا چۈشكەندە نەپەس ئېلىشىم قىيىنلىشىپ، ناھايىتى جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدىم. ھازىر قۇدۇق ئاستىغا كۆپ چۈشۈشكىمۇ، ئەخلەتلەرنىڭ بەدبۇي پۇرىقىغىمۇ كۆنۈپ كەتتىم. ھەممە ئائىلىلەرنىڭ پاكىزلىقى ئۈچۈن، مەن بىر ئادەم مەينەت بولسام ئەرزىيدۇ، - دېدى ئابلاجان روزى بۇ قېتىملىق تازىلاش ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ.

  - يامغۇر ياغقان كۈنلىرى ئەۋرەز يولى تېشىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە قانداق قىلىسىلەر؟

  - ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يامغۇر سۈيى بىلەن كىرەكسىز سۇ يولى ئايرىم، يامغۇر سۈيى ئادەتتە دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەۋرەز يوللىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 – 80 يىللىرى ياسالغاچقا، بۇ خىل ئىقتىدارنى ھازىرلىمىغان. تەڭرىتاغ رايونىدا ئاققۇۋۇق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 22 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدى، خەلق مەيدانى ئەتراپى، داۋەن شىمالىي يولى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلاردا قاتتىق يامغۇر ياغقان كۈنلىرى كۆپرەك سۇ تېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا شۇ نۇقتىلىق ئورۇنلارغا مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ، يامغۇر سۇيى يىغىلىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، - دېدى جاڭ خۇي چۈشەندۇرۇپ.

  بىر يېرىم سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ قېتىملىق ئەۋرەز يولىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. خىزمەت فورمىسى قارا لايغا مىلەنگەن مېھنەتكەش ئىشچىلارنىڭ چېكىسىدە يالتىرىغان تەر تامچىسى، چېھرىدە جىلۋىلەنگەن مەمنۇنىيەت جىلۋىسىدىن ئۇلارنىڭ ئۆز كەسپىگە، ھالال ئەمگىكىگە بولغان ھۆرمىتى يىلىنجاپ تۇراتتى. ھەر بىر كەسىپتە بىر ئۇلۇغلۇغ بار. كەسىپكە بولغان ھۆرمەت ۋە ئىشتىياق ئۇلارنى ھەقىقىي ئەزىمەت قىلغان ئىدى. مەينەتچىلىك، سېسىقچىلىقتىن ۋايسىماي، شەھەر ۋە خەلقنىڭ پاكىزلىقى ئۈچۈن ھالال تەر تۆكۈۋاتقان ئەزىمەتلەر ھارمىغايسىلەر!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو ۋە تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتى 4- قېتىملىق يىغىنى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ پىكىر ئېلان قىلدى
    ·گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئارخى…
    ·پۇتىن بىلەن نەزەربايېۋ رۇسىيەنىڭ سۇچىدا سۆھبەتلەشتى
    ·چىن ئىخلاسىمىز ۋە مېھرىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يول باشلىغۇچىلاردىن بولىمىز
    ·شىنجاڭ بۇ يىل شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئىچكى ئۆلكىلەرگە 1866 ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىدۇ
    ·ئۆزبېكىستان ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى 
    ·ئەردوغان تۆت تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى
    ·قازاقىستاندا يولغا قويۇلغان سېرىق رەڭلىك بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى كېلەر يىلى 1 – ئايغىچە…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ئايدىڭ…