باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاتناش ۋاسىتىلىرىغا قارىتا مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى

2016.08.23 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى مۇددىتى ئىككى ئايلىق بولغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يول يۈرۈشى ئۈچۈن بىخەتەر قاتناش مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

  ئاۋات ناھىيەلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تەۋەلىكىدىكى پۈتۈن ساقچى كۈچىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك، كەچلىك ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، مۇھىم يول بۆلەكلىرىدە تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، موتوسىكلىت ۋە توكسىكلىتلارغا نۇمۇر تاختىسى ئاسماسلىق، نومۇر تاختىسىنى ئاسرىماسلىق، ھەيدىگۈچىلەردە يول يۈرۈش گۇۋاھنامىسى بولماسلىق، قالپاق كىيمەسلىك، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش، باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يولىغا كىرىۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى مەركەزلىك تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سالدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ سىياسى يېتەكچىسى قاھار زىيا مۇنداق دېدى: ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرىدا ئىككى چاقلىق موتوسىكلىت ۋە توكسىكلىتلار بىر قەدەر كۆپ. بىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سېلىشتىكى مەقسىتىمىز تەشۋىق-تەربىيەنى ئاساس قىلىپ، كەڭ شەھەر ئاھاللىلىرىنىڭ قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى بىخەتەر يول يۈرۈشكە يېتەكلەپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر