باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ سىياسىي-قانۇن سىستېمىسى مەمۇرلۇققا 121 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى

تىزىملاش خىزمىتى 25-ئاۋغۇستتىن 29-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدۇ

2016.08.23 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ سىياسىي-قانۇن سىستېمىسى يېقىندا مەمۇرلۇق ئۈچۈن جەمئىيەتتىن 121 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ۋاقىتتىلا خىزمەت ئورنى بېكىتىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىردەك ھالدا ئوقۇشقا كىرگەن چاغدا بېكىتىلگەن نىشانلىق ئورۇنلاردىكى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن تۆۋەن سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلىدۇ، ھەمدە خىزمەت مۇددىتى مەلۇم مەزگىل داۋاملىشىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 21-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016- يىللىق سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنى قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ سىناق ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى مەمۇرلۇققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە تەربىيەلەشتە، مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ۋە ئوقۇشقا كىرىش ئىمتىھانى بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ، ھەمدە مەمۇرلارغا مەسئۇل تارماقلار بىلەن مائارىپ تارماقلىرى بىرلىشىپ تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز 25-ئاۋغۇستتىن 29-ئاۋغۇستقىچە تىزىملىتىش خىزمىتىنى تەشكىللەيدىكەن، 9- ئاينىڭ 24- كۈنى مەمۇرلۇققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئاممىۋى پەن تۈرىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانى ئېلىنىدىكەن، 9- ئاينىڭ 25- كۈنى ئوقۇشقا كىرىش ئىمتىھانى ئېلىنىدىكەن. 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سالاھىيەت تەكشۈرۈش ۋە ئېلان قىلىش خىزمىتى تاماملىنىدىكەن؛ 12- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تەكرار ئىمتىھان، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تارقىتىش خىزمىتى تاماملىنىدىكەن؛ 2017- يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئوقۇش باشلىنىدىكەن. «ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش ئېلانى»، «ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش قىسقىچە نىزامنامىسى»، «ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش ئىش ئورنى جەدۋىلى» قاتارلىقلار يېقىندا شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزىنىڭ تور بېكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تور بېكىتى ۋە شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

  قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندا، تەربىيەلەيدىغان ئالىي مەكتەپ، نىشانلىق خىزمەت ئورنى تۇرۇشلۇق ئۆلكە دەرىجىلىك سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى ۋە نىشانلىق خىزمەت ئورنى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن«نىشانلىق تەربىيەلەش كېلىشىمنامىسى» ئىمزالاپ، تەربىيەلىنىدىكەن.

  2016-يىللىق سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنى قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى توردا تىزىملىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ،ھەمدە يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالدىدا سالاھىيىتى تەكشۈرۈلىدۇ. ھەقىقىي بولمىغان ئىمتىھان ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ؛ يامان غەرەزدە رويخەتكە تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇچۇرى ۋە تىزىملىتىش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئالدامچىلىق بىلەن ئىمتىھان سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ ھەم بەش يىل ئىچىدە دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. تىزىملاتقانلار ئالاقىلىشىشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش تور بېكىتى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا، يەنى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش ئېلانىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر