باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«2016-يىللىق جۇڭگونى ھېس قىلىش ـــ جۇڭگونىڭ غەربىي رايون مەدەنىيىتىنىڭ ئىران سەپىرى - شىنجاڭ سەھىپىسى» تېھراندا باشلاندى

يۈ جېڭشېڭ تېلېگرامما يوللاپ تەبرىكلىدى

2016.08.23 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمېتى ۋە جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان «2016- يىللىق جۇڭگونى ھېس قىلىش ـــ جۇڭگونىڭ غەربىي رايون مەدەنىيىتىنىڭ ئىران سەپىرى - شىنجاڭ سەھىپىسى» ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى 22-ئاۋغۇست ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تېلېگرامما يوللاپ قىزغىن تەبرىكلىدى.

  يۈ جېڭشېڭ تېلېگراممىدا: جۇڭگو ۋە ئىران ھەر ئىككى دۆلەت ئاسىيادىكى قەدىمىي دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇزاق تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيىتى بار، جۇڭگو-ئىران دوستلۇقى ئۇزاق داۋاملاشقان، ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنلا ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا ئەلچى ئەۋەتكەن، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى ئۈزۈلمەي، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان، دېدى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى بولۇپ، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، سودا ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت، پەن-مائارىپ مەركىزى، ھەمدە جۇڭگونىڭ ئەڭ بۇرۇن ئىران بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان رايونىنىڭ بىرى. بۇ قېتىملىق پائالىيەت جۇڭگو شىنجاڭنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، ئۆزگىچە مەدەنىيەت مەنزىرىسى، مول تارىخىي مەدەنىيىتىنى تەسىرلىك نامايان قىلىش ئارقىلىق، ئىراندىكى ھەر ساھەنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، جەمئىيەت ئىناق ۋە مۇقىم، كىشىلەر كۆڭۈللۈك تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان شىنجاڭنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يارىتىدۇ.

  بۇ قېتىملىق پائالىيەت يەتتە كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ ئارىلىقتا مەدەنىيەت مۇنبىرى، ناخشا-ئۇسسۇل كۆرىكى، سۈرەت كۆرگەزمىسى، چالغۇلار ۋە كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى قاتارلىق نۇرغۇن مەيدان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر