باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېكايىلىرى

2016.08.23 16:06   مەنبە: خەلق تورى

پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېكايىلىرى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم «ئۈچ ئەل» ئىشخانسىدىن گۈلبوستان مەمەت، جۇڭ خاڭ خەۋىرى، فوتوسى) «مەن ئىلگىرى تارباغاتاي چىگرا قىسىمىدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان چېغىمدا، پۈتۈن قىسىمدا ئاران ئۈچلا ئاز سانلىق مىللەت جەڭچى بار ئىدى، قىسىمدىكى سەپداشلار ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، مېنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەم يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ھەربىي مەشىقنىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى قىلالايدىغان بولدۇم، بۇلۇپمۇ مېىنى ئەڭ پەخىرلەندۈردىغىنى قىسىمغا كىرىپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم...». يېقىندا، ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى يۇقارقى بوزچى كەنتىدىكى قىسىمدىن چىكىنگىنىگە 30 يىلچە بولغان پېشقەدەم ھەربىي ھەمدۇللا ئىسمائىل قىسىمدا تۇرغان چېغىدىكى ۋەقەلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى تېخمۇ ياخشى ئوقۇپ، ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرۇش توغرسىدا ئىلھاملاندۇردى.

  ھەمدۇللا ئىسمائىل قىسىمدىن چىكىنگەن شۇنچە يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ئىزنىكىنى يېنىدىن ئايرىماي تاقاپ كەلگەن بۇلۇپ، ھەر قېتىم پارتىيە بايرىقىنى كۆرگەندە قىسىمدىكى سەبداشلىرى، ئۇنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان چاغلىرى ئېسىگە كېلەتتى. ئۇ قاراتال بازىرى يۇقارقى بوزچى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ قۇشۇمچە ئەخلاق تەربىيەچىسى بۇلۇپ تەكلىپ قىلىنغاندىن كېيىن، مەكتەپتە كۆپ قېتىم ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا بۈگۈنكى تۇرمۇشنىڭ ئاسانغا كەلمىگەنلىكىنى، كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشنى قەدىرلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلدى.

  مۇشۇ مەھەللىدىكى ئوقۇغۇچى روشەنگۈل ئابدۇللا ھەمدۇللا تاغىنىڭ ئەينى چاغدا سەبداشلىرى بىلەن بىرگە چۈشكەن سۈرەتلىرىنى كۈرۈپ: «ھەمدۇللا بوۋام بىزگە ياش ۋاقتىدىكى ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىپ، بىزنى ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ قەدىرلىشىمىزنى، تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرۇشىمىزنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈردى»، دەيدۇ.

  سۈرەتتە: ھەمدۇللا ئىسمائىل ئوقۇغۇچىلارغا ئىنقىلابى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو ۋە تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتى 4- قېتىملىق يىغىنى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ پىكىر ئېلان قىلدى
    ·گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئارخى…
    ·پۇتىن بىلەن نەزەربايېۋ رۇسىيەنىڭ سۇچىدا سۆھبەتلەشتى
    ·چىن ئىخلاسىمىز ۋە مېھرىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يول باشلىغۇچىلاردىن بولىمىز
    ·شىنجاڭ بۇ يىل شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئىچكى ئۆلكىلەرگە 1866 ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىدۇ
    ·ئۆزبېكىستان ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى 
    ·ئەردوغان تۆت تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى
    ·قازاقىستاندا يولغا قويۇلغان سېرىق رەڭلىك بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى كېلەر يىلى 1 – ئايغىچە…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ئايدىڭ…