باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دېھقانلارنىڭ كۈلكىسى ــ بىزنىڭ كۈلكىمىز

2016.08.23 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ گېزىتى ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمانجان ئىسمائىل، گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى)

  _ سىلەردەك ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، ئاقكۆڭۈل كادىرلارغا ۋە كومپارتىيەگە مىڭ مەرتىۋە رەھمەت، «يوقسۇزلۇق تاشتىن قاتتىق» دەپ، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ داۋالىنىشقا ئىقتىسادىم بولمىغاچقا، بېشىم تولىمۇ قاتقان ئىدى. مانا سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بىلەن 50 مىڭ يۈەن ھەل بولدى، سىلەرگە قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن. ئارزىگۈل ھامۇت شۇنداق دېگىنىچە كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى.

  _ ئۇنداق دېمىسىلە ئاچا، سىلىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىز، بىزگە رەھمەت ئېيتىمەن دېمەي، ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئوبدان داۋالانسىلا، سىلى سالامەت قايتىپ كەلسىلە بىز شۇنىڭدىن خۇش،_ دېدى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئادىلە باھاۋۇدۇن ئارزىگۈل ھەدىگە تەسەللى بېرىپ.

  ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى ئابلەشئېرىق كەنتىدىكى ئارزىگۈل ھامۇت كەنتتىكى نامراتلارنىڭ بىرى ئىدى، بۇ يىل 7- ئايدا ئارزىگۈل تېنىنىڭ توختىماي ئاغرىۋاتقانلىقىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەندە، دوختۇرلار ئۇنىڭغا ئۇستىخان توبېركوليۇزى دەپ دىئاگنۇز قويدى. «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال» دېگەندەك، بۇ نىجىس كېسەل ئەزەلدىنلا نامرات ئۆتۈۋاتقان ئارزىگۈلنى تولىمۇ ئازابلىدى. ئارزىگۈلنىڭ نالىسى ئاقسۇ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن يۇقارقى ئابلەشئېرىق كەنتىگە «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بىلەن چۈشكەن كادىرلارغا يەتكەندە، بۇلارمۇ ئىنتايىن تىت – تىت بولدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئارزىگۈلگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ئىزدىدى. ئارزىگۈل ھامۇتقا ئوخشاش ئېغىر كېسەللەرگە ھۆكۈمەتنىڭ بېرىدىغان مەخسۇس قۇتقۇزۇش مەبلىغى بولسىمۇ، بىراق بەلگىلىمە بويىچە بىمار ئاۋۋال داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، داۋالىنىش خىراجىتى ئاندىن ئاتچوت قىلىناتتى. ۋاقىت ئۆتۈۋەرسە كېسەل ئېغىرلىشىپ، بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتەتتى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە بىر نەچچە قېتىم قاتراپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ئارزىگۈل ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. 8- ئاينىڭ 18- كۈنى ئارزىگۈل ھامۇت شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئالدىن بەرگەن 50 مىڭ يۈەن داۋالىنىش خىراجىتىنى ئېلىپ، قىزىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچىگە ماڭدى.

  يۇقارقى ئابلەشئېرىق كەنتىدىكى ئايشەم سىدىقنىڭ نوپۇس قاتارلىق بەزى رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغاچقا، ئۈچ يېرىم يىلدىن بويان ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئالالمىغان ئىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرىش ئارقىلىق ئايشەم سىدىقنىڭ يىغىلىپ قالغان 2070 يۈەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى نەقلەشتۈرۈپ بەردى.

  كەنتتىكى نامرات ئائىلە ھېسابلىنىدىغان مەمەتجان تۇرسۇن بىلەن ئارزىگۈل ئېزىز ئەر – ئايال ھازىر ئاقسۇ شەھىرىدىكى «ئەلقەمجان تېز تاماقخانىسى»دا ئېيىغا 4500 يۈەن ئىش ھەققى ئېلىپ ئىشلەيدۇ، ئۇلار ھەر قېتىم ئارام ئېلىپ مەھەللىسىگە قايتقاندا، ئۆزلىرىگە خىزمەت تېپىپ بەرگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنى يوقلاشنى ئۇنۇتمايدۇ. كەنتتىكى سۇلايمان ئابلامۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە بەشتۈگمەن يېزىسىدىكى پاختا زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھەر ئايدا ئالىدىغان 3500 يۈەن ئىش ھەققىنىڭ مېغىزىنى چېقىۋاتىدۇ.

  خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتكە كەلگەندىن بۇيان 20 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىپ، بەش نامرات ئائىلىگە 25 تۇياق قوي، 400 چۈجە ئېلىپ بەردى؛ 1400 يۈەن چىقىم قىلىپ بىر نامرات ئائىلىنىڭ ئۈزۈم بارىڭىنى يېڭىدىن ياسىتىپ بەردى؛ 2800 يۈەن چىقىم قىلىپ ئىككى ئائىلىنىڭ ھويلىسىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ بەردى؛ بەش ئائىلىگە 3000 يۈەن قىممىتىدىكى ئۇن، گۈرۈچ، ماي قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتكە كەلگەندىن بۇيان ھەقىقەتەنمۇ ئاممىغا نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى. لېكىن ئۇلار قىلغان ئىشىغا مىننەت قىلمىدى. سورىغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابى: « بىزنىڭ دېھقانلارغا قىلپ بەرگەن ئازغىنە ئىشىمىزدىن دېھقانلارنىڭ كۆڭلى سۈيۈنسىلا بىز شۇنىڭدىن خۇش، چۈنكى دېھقانلار ئۈچۈن ئىشلەش بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز شۇنداقلا مەجبۇريىتىمىز. چۈنكى دېھقانلارنىڭ كۈلكىسى ــ بىزنىڭ كۈلكىمىز» دېگەندىن ئىبارەت بىر نەچچە ئېغىز سۆزلا بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر