باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېچىشنى مەنئىي قىلىش تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ، بەلكى تەرەققىياتقا پايدىلىق، دېدى

2016.08.25 10:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 23-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن خەيدۇڭ شەھىرى تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ۋۇشى بازىرى بەنيەن كەنتىگە بېرىپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈش يېڭى كەنتى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ 23-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۆلچەش مەركىزگە بېرىپ، يىراقتىن ۋىدېئولۇق ئۆلچەش سىستېمىسى ئارقىلىق، نەچچە 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۈچ دەريا مەنبەسى رايونىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. خۇاڭخېنىڭ مەنبەسى ئېلىڭخۇ-زالىڭخۇ، ئاڭسەي لەنساڭجياڭ چوڭ جىلغىسىنىڭ 1-سەپتىكى ئېكولوگىيە قوغدىغۇچىسى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرى بىلەن ۋىدېئودا سۆزلەشكەندە، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مۇكاپاتى ۋە ياردەم پۇلىنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالى، ئېكولوگىيەنى قوغدىغۇچى كۈچلەرنىڭ سەپلىنىش ئەھۋالى، يىلپىز قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ قوغدىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم ئۈچ دەريا مەنبەسى رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو سۇ مانارى» دۆلەتنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى، ئۈچ دەريا مەنبەسىنى ياخشى قوغداش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. چىڭخەي ئۆلكىسى دۆلەت ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەشتەك مۇھىم مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۈچ دەريا مەنبەسى رايونىنى ئېچىشنى چەكلەش ۋە مەنئىي قىلىش تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ، بەلكى تەرەققىياتقا پايدىلىق. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيەنى قوغدىغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قلىپ، قوغداش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىنى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ باغچا تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناش يولىدا يەنىمۇ ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈچ دەريا مەنبەسى رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر