باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، تەنتەربىيە ساياھەت كۆرگەزمىسى 2 - سېنتەبىر باشلىنىدۇ

2016.08.29 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016- يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، تەنتەربىيە ساياھەت كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىككى يەرمەنكە» دېيىلىدۇ ) 9- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.ئىگىلىنىشىچە، «ئىككى يەرمەنكە »نىڭ مەزمۇنى مول ۋە سەرخىل بولۇپ، تەنتەربىيە مەدەنىيىتى، تەنتەربىيە ساياھىتى، تەنتەربىيە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسى، قار ـ مۇز كەسپى، ئىجتىمائىي تەنتەربىيە قاتارلىق ئالتە چوڭ بۆلەككە بۆلۈنىدىكەن.

  بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئالدى - كەينىدە، يەنە بىر قاتار مەخسۇس تېمىدىكى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى: 2016 - يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى، تەنتەربىيە ساياھىتى تەرەققىيات مۇنبىرى، جۇڭگو تەنتەربىيە ساياھىتى تەرەققىياتى بويىچە ئىگىلىك تىكلەش، مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى؛ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە دوكلات يىغىنى؛ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونلىرى، تەنتەربىيە چولپىنى پىدائىيلار مۇلازىمەت ھەرىكىتى يۈرۈشلۈك جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى؛ جۇڭگو تەنتەربىيە پوچتا ماركىسى توپلاش، خاتىرە بۇيۇمى ۋە يىغىپ ساقلاش سودىسى، تەنتەربىيە مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى، دۇنيا چېمپىيونى ئىمزاسىنى تەقدىم قىلىش ھەمتۈرتكە جامائەت پاراۋانلىقى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى؛ 2016 - يىللىق جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ساياھەت تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى پۈتۈن شەھەردىكى بارلىق جۇڭگو پوچتىسى تىجارەت تور - نۇقتىلىرىغا بېرىپ «ئىككى يەرمەنكە»نىڭ مەيدانغا كىرىش بېلىتىنى ھەقسىز ئالالايدىكەن، كىرىش بېلىتىنى ئېلىشتا، بىر ئادەم كىملىك نومۇرى ۋە تېلېفون نومۇرىنى تىزىملىتىپ، ئىككى تال بېلەت ئالسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر