باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەنجىڭدا ئۈندىدار ۋە APP ئارقىلىق 120نى چاقىرسا بولىدۇ

2016.08.26 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا،كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىشكە دۇچ كەلگەندە، "120"غا تېلېفون قىلسىمۇ ئۆزىنىڭ كونكرېت ئورنىنى دەپ بېرەلمەسلىك؛ ئۆيىدە بىرەيلەن تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ قالسا پايپېتەك بولۇپ كېتىپ توغراچۈشەندۈرەلمەسلىك...دېگەنگە ئوخشاش بۇنداق تاسادىپىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە،ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، نەنجىڭ شەھىرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ جامائەت ئۈندىدار قۇتقۇزۇشقا چاقىرىش سۇپىسى ۋە "بىزنىڭ نەنجىڭ" ناملىقAPP قۇتقۇزۇشقا چاقىرىش سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتى، بۇنىڭ بىلەن، شەھەر ئاھالىسى 120نى چاقىرىشتا يەنە بىر خىل ئۇسۇل كۆپەيدى: پەقەت "نەنجىڭ شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى" جامائەت سۇپىسىنى ئۈندىدارغا قوشۇپ قويسا، ياكى "بىزنىڭ نەنجىڭ"APPنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويسىلا، بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق چاقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، يەنە قۇتقۇزۇشقا چاقىر غۇچىنىڭ ئورنىنى بىلگىلىمۇ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتقىلى بولىدۇ.

  نەنجىڭ شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېي چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2015- يىلى، مەزكۇر شەھەرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى 120 مىڭ قېتىم جىددىي قۇتقۇزۇشقا چىققان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئورنىنى ئېنىق دەپ بېرەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ قۇتقۇزۇشىغا تەسىر يەتكەن ئەھۋال 20%نى ئىگىلەيدۇ، جامائەت ئۈندىدار قۇتقۇزۇشقا چاقىرىش سۇپىسى ۋە "بىزنىڭ نەنجىڭ"APP قۇتقۇزۇشقا چاقىرىش سۇپىسىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشى، بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ يېڭى ئۇسۇلدا بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق چاقىرىشنى يارقىن نۇقتا قىلىپتۇرۇپ، GPS ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنى دوختۇرخانىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى قۇتقۇزۇشقا تەدبىقلاش ئارقىلىق، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىمارنىڭ ئالدىغا تېز سۈرئەتتە ۋە توغرا يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر