باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يىللىق خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى چىقىمىغا قارىتا «لاياقەتلىك چېكى» تەسىس قىلىدۇ

2016.08.26 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 25-ئاۋغۇست ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ 25-ئاۋغۇستتىن باشلاپ 31-ئاۋغۇستقىچە، خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى يىللىق چىقىمى ۋە باشقۇرۇش خىراجىتى ئۆلچىمى توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر ئېلىپ، تۈرلۈك خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يىللىق خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى چىقىمىغا قارىتا «لاياقەتلىك چېكى» تەسىس قىلىپ، ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە فوند جەمئىيەتلىرىنىڭ يىللىق خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى چىقىمىنىڭ بۇلتۇرقى ئومۇمىي كىرىمىنىىڭ %70 ىدىن كەم بولماسلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئېلىنغان پىكىر ئارگىنالىغا ئاساسلانغاندا، خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىكى ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە فوند جەمئىيەتلىرىنىڭ يىللىق خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى چىقىمى بۇلتۇرقى ئومۇمىي كىرىمىنىىڭ %70 ىدىن كەم بولماسلىقى، يىللىق باشقۇرۇش ھەققىنىڭ شۇ يىللىق چىقىمىنىڭ %10 ىدىن يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك. خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىكى ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ يىللىق خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى چىقىمى بۇلتۇرقى ئومۇمىي كىرىمىنىىڭ %70 ىدىن كەم بولماسلىقى، يىللىق باشقۇرۇش ھەققىنىڭ شۇ يىللىق ئومۇمىي چىقىمىنىڭ %13 ىدىن يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر