باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-نۆۋەتلىك مەركەز 9-قېتىملىق كۆزىتىشىدە، بەش رايون ۋە ئورۇننىڭ تۈزىتىش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

2016.08.26 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 2016-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 18-نۆۋەتلىك مەركەز 9-قېتىملىق كۈزىتىشىدە مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى،ئاخبارات-نەشرىيات-رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىىيە باش ئىدارىسى، يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى، دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى، دۆلەت ئاشلىق ئىدارىسى، دۆلەت ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىدارىسى، دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى، دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى، دۆلەت تاشقى تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى، دۆلەت پوچتا ئىدارىسى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، دۆلەت جۇڭگو تېبابەتچىلىكى-جۇڭگو دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىسدارىسى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، مەملىكەتلىك تەمىنات-سودا باش كوپىراتىپى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى ئىشخانىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق 32 ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنى مەخسۇس كۈزىتىش بىلەن بىللە، لياۋنىڭ، ئەنخۇي، شەندۇڭ، خۇنەن قاتارلىق تۆت ئۆلكىنى قايتا كۈزەتتى. 25-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، يۇقىرىدىكى ئورۇنلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى ۋە تېرمىناللىرى ئارقىلىق كۈزىتىش-تۈزىتىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر