باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئۇزۇن سەپەر-5» 26-ئاۋغۇست خەينەنگە قاراپ يولغا چىقتى

2016.08.26 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەش كۈن ئېسىپ قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق، 25-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، «ئۇزۇن سەپەر-5» ناملىق تۇنجى ئۇچىدىغان راكېتا يىراققا نەزەر راكېتا توشۇغۇچى پاراخوت كونتېينېرىغا قاچىلاندى. راكېتا توشوغۇچى پاراخوت 26-ئاۋغۇست تيەنجىن پورتىدىن ئاغامچىسى يېشىلىپ، لەڭگەر تارتىلىپ خەينەن ۋېنچاڭ قويۇپ بېرىش مەيدانىغا قاراپ يولغا چىققان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 1-سېنتەبىر خەينەن ۋېنچاڭ چىڭلەن پورتىغا يېتىپ بارىدىكەن. ئارقىدىن «ئۇزۇن سەپەر-5» ناملىق راكېتا قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق قويۇپ بېرىش مەيدان رايونىغا توشۇلدى.

  ئىگىلىنىشچە، دېڭىزدا توشۇش «ئۇزۇن سەپەر-5» ناملىق راكېتانىڭ تۇنجى ئۇچۇش ۋەزىپىسىدىكى مۇھىم بىر ھالقىسى بولۇپ، مۇرەككەپ ھاۋارايى ۋە دېڭىز ئەھۋالى راكېتانىڭ دېڭىز ئارقىلىق توشۇلۇشىدىكى ئىشەنچىلىكلىكىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، توشۇش ۋەزىپىسىنى بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئورۇنداش ئېلىمىزنىڭ راكېتانى دېڭىز ئارقىلىق توشۇش ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەللىشىشكە يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  «ئۇزۇن سەپەر-5» ناملىق راكېتا مەھسۇلات، يۈك توشۇش كاپالىتى ۋە ئېلېكترو ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنىڭ كونتېينېر سانى 40 قا يېتىپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 1000 توننىدىن ئېشىپ، تەخمىنەن «ئۇزۇن سەپەر-5» ناملىق راكېتانىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، «يىراققا نەزەر-21، 22» ناملىق راكېتا توشۇغۇچى ئىككى پاراخوت بۇ قېتىمقى راكېتانى ئېسىپ قۇراشتۇرۇش ۋە دېڭىز ئارقىلىق توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر