- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
2016.08.25 14:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22-ئاۋغۇستتىن 24-ئاۋغۇستقىچە جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ شىنشې، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى ليۇ چىنىڭ ھەمراھلىقىدا، گەنجۇ، نەنچاڭ شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.
ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش بىلەن ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. لى كېچياڭ كۆپچىلىكنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ، سىلەرنىڭ داۋاملىق جاسارەت بىلەن يۇقىرىغا يامىشىپ، دۇنياغا تونۇلغان جۇڭگو ماركىسى بەرپا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ياخشى بولغان يۇمشاق-قاتتىق شارائىت ھازىرلاپ، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىگىلىك تىكلەشنىڭ زىچ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى نەتىجىلەرنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە بازار رىقابەت كۈچىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
لى كېچياڭ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، نامراتلارنى يۆلەش جېڭى، ئىقتىسادنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر