باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش دېگەندەك ناملار بىلەن ئالدامچىلىق قىلىشتەك يامان قىلمىشلاردىن ئېھتىيات قىلىشنى ئەسكەرتتى

2016.08.25 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگىدا "شەندۇڭلۇق قىز ئوقۇغۇچىنىڭ 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇلى ئالداپ كېتىلگەن" ۋەقە توغرۇلۇق خەۋەر تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش دېگەندەك ناملار بىلەن ئالدامچىلىق قىلىشتەك يامان قىلمىشلاردىن ئېھتىيات قىلىشنى ئەسكەرتتى.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: 24- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، مائارىپ مىنىستىرلىقى توردا "شەندۇڭلۇق قىز ئوقۇغۇچىنىڭ 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇلى ئالداپ كېتىلگەن"لىك توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بىلگەن. ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش جەھەتتە دۆلەت مۇكەممەل بولغان سىياسەت سىستېمىسى ئورناتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا، ئەگەر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بولسىلا، ھۆكۈمەت ۋە مەكتەپ تەرەپ ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق ياردەم بېرىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى كەڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپكە ئەمدى كىرگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا شۇنى ئەستايىدىل تەكىتلىدىكى، مەيلى قايسى ئورۇن ياكى شەخسلەر بولسۇن، ماددىي ياردەم بەرمەكچى بولسا، ئوقۇغۇچىلاردىن ATMماشىنىسى ياكى تور ئارقىلىق قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى قىلىشنى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارتەلەپ قىلىنسا، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن مۇئەللىمدىن ۋە شۇ جايدىكى مائارىپ تارماقلىرىدىن مەسلىھەت سوراش كېرەك، ھەرگىز ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە ھېسابات يۆتكەپ بەرمەسلىك كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر