باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 9-نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى كۆزىتىش-تۈزىتىش ئەھۋالىنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى

2016.08.29 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەش ئورۇننىڭ پارتگۇرۇپپىسى 28-ئاۋغۇست جەمئىيەتكە كۆزىتىش-تۈزىتىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، ھازىرغىچە، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 9-نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىدە كۆزىتىلگەن 36 رايون ۋە ئورۇن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ تۈزىتىش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى مەركەزنىڭ 2-كۆزىتىش گۇرۇپپىسىغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە، پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئاجىز بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىكى 25 مەسىلىنى ئاڭلىقلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. مىنىستىرلىق پارتگۇرۇپپىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان 25 مەسىلىنى بىلگەن ھامان تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، 18-مارت «مىنىستىرلىق پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركەزنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلىرىنى بىلگەن ھامان تۈزىتىش ھېساباتى»نى تارقىتىپ، 15 تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بېكىتتى. مەركەز 2-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن ئىستىل قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئاساسەن دەرھال تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. 18-ماي «مىنىستىرلىق پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركەزنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىش ھېساباتى»نى تارقىتىپ، 18 تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بېكىتتى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر