باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

G20 خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو خەلقىگە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

2016.08.29 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) رەھبەرلىرىنىڭ 11-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 4-سېنتەبىردىن 5-سېنتەبىرغىچە جۇڭگونىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. پۈتۈن دۇنيا «جۇڭگو G20 »نىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى، ئۇنداقتا خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو خەلقىگە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

  ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئېشىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمغا يۈزلەندى

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى رۇەن زۇڭزې G20 بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئالغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىلگىرىكى كونا G7 بىلەن سېلىشتۇرغاندا، G20گە نۇرغۇن يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قوشۇلۇپ، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ بازار ئېھتىياجىنى كېڭەيتىش، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتتە، تېخىمۇ ھەقىقىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولدى. ئاممىغا نىسبەتەن بازار ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى، ئۇلارنىڭ ئەمگەك ئورنى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ئاشۇرىدۇ.

  خەلق پۇلىنىڭ ئورنى ئۆسۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى چۇڭياڭ پۇل مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ۋاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ۋە مۇقىملىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىسە، پۇقرالار چەت ئەلگە ساياھەتكە چىققاندا خەلق پۇلىنى ئىشلىتىپ چەت ئەلدە پېرېۋود قىلسا مۇقەررەر زىيان تارتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى كۆپ قېتىم ئۆسۈم قوشۇشنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى «يالغان ھۇجۇم» بولۇپ، نەتىجىدە پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشقا بولغان مۆلچەرىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۇراقسىز ئامىل قوشتى.

  مەيدان-سارايلار يېڭىدىن سېلىنمىدى، قەدىمىي يادىكارلىقلار يېڭى قىياپەتكە كىردى

  خاڭجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ يىدې مۇنداق دېدى: خاڭجۇ شەھىرى G20 ئاساسىي يىغىن مەيدانى، B20 ئاساسىي يىغىن مەيدانى، جۇڭگو-چەت ئەل رەھبەرلىرى تۇرىدىغان جاي ۋە باشقا ئالاقىدار مەيدانلارنى ئۆزگەرتىپ ياساش جەريانىدا، مەخسۇس يېڭىدىن مەيدان-ساراي سالماي، ئېھتىياجغا ئاساسەن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئازايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قاتار قوغداش تەدبىرلىرىمۇ نۇرغۇن قەدىمىي يادىكارلىقلارنىڭ كونا قىياپىتىگە يېڭىچە تۈس قوشتى.

  ھاۋا تېخىمۇ ساپلىشىپ، مەنزىرىسى يورۇق، گۈزەل بولدى

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خاڭجۇ شەھىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق PM 2.5 بويىچە ئۆلچەمگە يەتكەن كۈن سانى 142 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 13 كۈن ئېشىپ، ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %78 يەتكەن، %6.7 ئاشقان. G20 باشلىقلار يىغىنى شەھەر مەنزىرىسىنى يورۇتۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن.

  مەھەللىلەردە چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىلىپ، خاڭجۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاشتى

  خاڭجۇ شەھىرىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا « G20نى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ساھىبخانلىقنى ياخشى قىلايلى»، « G20گە مۇلازىمەت قىلىشقا ھەممە تۆھپە قوشايلى» دېگەندەك لوزۇنكىلار ئېسىلىپ، خاڭجۇ شەھىرى مەھەللىلىرىدە G20 باشلىقلار يىغىنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالدى.

  يىغىن بىلەن ساياھەت بىرلەشتۈرۈلۈپ، تۆت خەلقئارالىشىش نىشانى بېكىتىلدى

  خاڭجۇ شەھىرى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا پۈتۈن مەملىكەت مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان «ئالاقە تورى +» شەھىرى، دۇنيا يىغىن مەنزىلى شەھىرى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بويىچە مۇھىم دەرۋازا تۈگۈن شەھىرى، شەرق مەدەنىيىتى ئالماشتۇرۇش مەركىزى قاتارلىقلار خاڭجۇ شەھىرى قوغلىشىدىغان تۆت خەلقئارالىشىش نىشانىغا ئايلاندى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر