باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى سەككىز ئۆلكە، شەھەر بىلەن مەكتەپ ئىستېتىك تەربىيە ئىسلاھات تەرەققىياتى خاتىرىسى ئىمزالىدى

2016.08.30 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىىنستىرلىقىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭ، جياڭسۇ، فۇجيەن، شەندۇڭ، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، گەنسۇ قاتارلىق سەككىز ئۆلكە (شەھەر) بىلەن مەكتەپ ئىستېتىك تەربىيە ئىسلاھات تەرەققىياتى خاتىرىسى ئىمزالىشىدىكى مەقسەت: مەركەزدىكى تارماقلار ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈش، ماس ئىلگىرى سۈرۈشتەك مەكتەپ ئىستېتىك تەربىيە ئىسلاھات تەرەققىيات خىزمىتى مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەكتەپ ئىستېتىك تەربىيە ئىسلاھات تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، يول ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ، ئەھمىيىتى زور.

  ئىگىلىنىشچە، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «مەكتەپ ئىستېتىك تەربىيە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر» نىڭ تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەكتەپ ئىستېتىك تەربىيە ئىسلاھات تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپ ئىستېتىك تەربىيە ئىسلاھات تەرەققىياتى خاتىرىسى ئىمزالاشنى يولغا قويۇپ، 2016-يىلىدىن باشلاپ ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) بىلەن تۈركۈمگە بۆلۈپ خاتىرە ئىمزالاشنى قارار قىلدى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر