باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن چوڭ تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى

تۆت جەھەتتىكى 23 تۈرنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ

2016.08.29 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ 3-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشى يېقىندا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، تەكشۈرۈش دائىرىسى مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى بىڭتۈەنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاش، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق تۆت جەھەتتىكى 23 تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇننى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت جايلار، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم سىياسەت-تەدبىر، نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىش تۈرى، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تىز ئەمەلىيلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىنى ساقلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 3-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشتە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ تەلەپلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىياتتا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش كۆرسەتمە ۋەزىپىلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، تۈرمۇ تۈر چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتلاممۇ قاتلام بېسىم ھاسىل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر