باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى 150 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلدى

2016.08.26 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 25- ئاۋغۇست مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە: 2015- يىلى، ئېلىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى تۇنجى قېتىم 150 مىليارد يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %10گە يېقىن ئاشتى. ھەقسىز دەرسلىك كىتاب، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى تاماق ياردىمى قاتارلىق مەبلەغلەر 45 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسى تۈزۈم جەھەتتىن بارلىق ئوقۇش باسقۇچلىرىنى، ھۆكۈمەت ۋە شەخسلەر باشقۇرغان مەكتەپلەرنى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئىگىلىنىشچە، ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، 2015- يىلى، مالىيە ۋە مائارىپ قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىياسىتى جەھەتتىكى ئىلگىرىكى تەدبىرلەردە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ ياكى يېڭىچە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭدا دۆلەتنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇل قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئوقۇش مۇددىتىگە يەنە 13 يىل قوشۇپ ئۇزارتقان، يەنى، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 20 يىلدىن ئاشمىسىلا بولىدىكەن، دىرىنى قايتۇرۇش مۆھلىتى ئەسلىدىكى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغا ئۇزارتىلغان؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلۈپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 1500 يۈەن بېرىشتىن ھەر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 2000 يۈەن بېرىشكە ئۆزگەرتىلگەن؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 17 ئۆلكىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان؛ ئارخىپ، كارتا تۇرغۇزغان ئوقۇغۇچىلار ۋە مېيىپ ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار تۈركۈمى دىكىلەرگە ياردەم بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلغان. مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى تيەن زۇيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ياردەم بېرىىپ تۇرۇپ ئادەم تەربىيەلەش دېگەندەك ئىككى تەرەپتىن كۈچ سەرپ قىلىنىدۇ. ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتىش چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، ئۇلارنى بېكىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامراتلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، دەرىجىگە ئايرىپ مەبلەغ بېرىلىدۇ؛ تارقىتىش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، ئەڭ قولايلىق ۋە بىخەتەر ئۇسۇل ئارقىلىق پۇلنى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا تارقىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر