باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«خەلق تورى» 2015—2016 يىللىق جۇڭگو ئاخبارات تور پونكىتلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى بويىچە 10 كۈچلۈك تور پونكىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2016.08.26 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «تور تاراتقۇسى» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان «تور تاراتقۇسى سالونى»نىڭ 12-سانى 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز ۋە يەرلىكتىن كەلگەن ھەر دەرىجىلىك تاراتقۇلار ۋەكىلى، داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىم قاتارلىق 100 نەچچە كىشى جۇڭگو ئاخبارات تور پونكىتلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى قۇرۇلۇشى ۋە تور پونكىتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىرلىشىپ مۇزاكىرىلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «جۇڭگو ئاخبارات تور پونكىتلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى 2015—2016 يىللىق دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ مۇكاپات تارقاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە «خەلق تورى» 2015—2016 يىللىق جۇڭگو ئاخبارات تور پونكىتلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى بويىچە 10 كۈچلۈك تور پونكىتى ۋە ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشتىكى ئىلغار تور پونكىتىدىن ئىبارەت ئىككى مۇكاپاتقا ئېرىشتى، «چەتئەل تورى»، «دۇنياۋى شەخسلەر تورى»، «خەلق مۇنبىرى تورى» قاتارلىقلار مەملىكەت بويىچە كەسپىي ئاخبارات تور پونكىتلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى بويىچە 10 كۈچلۈك تور پونكىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  «خەلق تورى»نىڭ باش مۇھەررىرى يۈ چىڭچۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەسىرات سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان، «خەلق تورى» پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان 48 خەتلىك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تور ئاخبارات جامائەت پىكرى سېپىدە تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەپ، قۇرۇلۇش ئاساسىنى پۇختىلاپ، توردا تارقىتىش ئۇسۇلى، شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مەزمۇنى ئەڭ ياخشى تور پونكىتى بولۇشقا تىرىشتى. «خەلق گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ تەھرىر ھەيئەتلىرى «خەلق تورى»نىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىدارە باشلىقى ياڭ جېنۋۇ ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: «خەلق تورى» توردىكى خەلق گېزىتى، تور تاراتقۇلىرى ئىچىدە مۇستەھكەم تۈۋرۈك ۋە تەڭشەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق گېزىتىنىڭ يېڭى تاراتقۇلار تەرەققىياتىدىكى بايراقدارى بولۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر