خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 24- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىنىڭ شەرقىگە 20 كىلومېتىر كېلىدىغان Vakhdat شەھەر ئەتراپىدىكى تاغ جىلغىسىدا، "Vakhdat - Yovon "تۆمۈر يولىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق تونېل كىرىش ئېغىزىدا قاتناش باشلاش مۇراسىمى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئەلىبادوف قاتارلىق مەزكۇر دۆلەتنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى جۇاڭ شاڭبياۋ قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار مۇراسىمغا قاتناشتى.
Vakhdat - Yovon تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 48.65كىلومېتىر بولۇپ، ئۇ تاجىكىستان قۇرۇلغاندىن كېيىن ياسالغان تۇنجى تۆمۈر يول ھېسابلىنىدۇ. Vakhdat - Yovon تۆمۈر يولى پۈتكەندىن كېيىن، تاجىكىستاننىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي بۆلەكلىرىدىكى تۆمۈر يوللارنى بىرلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ھەمدە مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋەجەنۇبىي قىسىمىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ رايوننىڭ ئارىلىقى زور دەرىجىدە قىسقىراپ، نەتىجىدە تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. تۆمۈر يول ئىچىدىكى قۇرۇلۇش قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان ئۈچ تونېل بىلەن بەش كۆۋرۈكنى جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇش 19- ئىدارە گۇرۇھى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4467 مېتىركېلىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسى 72 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسى"قوش ئېتىبار" قەرز پۇلى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ ھەم جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندىكى تۇنجى قېتىملىق تۆمۈر يول تۈرى ھېسابلىنىدۇ. توختاملىق ئىش ۋاقتى 28 ئاي بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش 2015- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ ئىش باشلىغان، يەنە كېلىپ، پەقەت 15 ئاي ئىچىدىلا پۈتۈپ قاتناش باشلىدى، ئۇ تاجىكىستان مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىغا تەقدىم قىلىنغان سوۋغات قۇرۇلۇش بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە : خەلق تورى