خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئوبۇل خەۋىرى، فوتوسى) ئونسۇ ناھىيەسىدىكى پېشقەدەم كادىرلارغا ناھىيەنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى، قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 8-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى پېنسىيەگە چىققان 60دىن ئارتۇق پېشقەدەم كادىرلارنى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچا رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجىتمائىي تەرەققىيات يېڭى نەتىجىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكلەر ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئونسۇ ناھىيەلىك شىن خوڭيۈ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 10 مىليون كىۋادرات مېتىرلىق ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك چاقچۇق خىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى؛ ئونسۇ ناھىيەلىك شىندا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ 60 مىڭ توننا فورمالىن ۋە 9000 توننا پولى فورمالدېگىد ئىشلەپچىقىرىش تۈرى؛ شىنجاڭ تيەن شياڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ 1000 كىۋادرات مېتىرلىق قەغەزلىك گەج تاختا ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قاتارلىق تۈرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
پېشقەدەم كادىرلار ھەر بىر جاينى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىدىن ھاياجانلىنىپ، باش بارماقلىرىنى چىقىرىشىپ «قالتىس، قالتىس» دەپ ماختىشىپ كەتتى ھەم ھەر بىر نۆۋەتلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجىتمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپتۇ. بىز پېشقەدەم كادىرلار ناھىيەمىزدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تولىمۇ ئىپتىخارلاندۇق، نەزەر دائىرىمىزمۇ كېڭەيدى، دېيىشتى.
سۈرەتتە: پېشقەدەم كادىرلار سانائەت باغچا رايونىدا ئېكسكۇرسىيەدە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى