باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

5- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە 1200 پىدائىي مۇلازىمەت قىلىدۇ

2016.08.25 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24- ئاۋغۇست، مۇخبىرنىڭ 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى پىدائىيلىرىنى ئىش ئورنىغا چىقىش بويىچە تەربىيەلەشنى باشلاش مۇراسىمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسىدە 1200 پىدائىي مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

  بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇددەتتىن بۇرۇن تەربىيەلىنىپ ئىشقا چىققان 200 پىدائىينى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان 1000 پىدائىي شۇ كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئۇدا كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىدىكەن. پىدائىيلار تەربىيەلىنىشتىن كېيىن، 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئارقا - ئارقىدىن ئىش ئورنىغا چىقىدىكەن.

  5- نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن جەمئىي 1200 پىدائىي قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلار يەرمەنكىنىڭ سەككىز خىزمەت بۆلۈمىدىكى 65 ئىش ئورنىدا پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر