باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىتالىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيەنىڭ رەھبەرلىرى كۆرۈشۈپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسىنى كېڭەشتى

2016.08.24 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىتالىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيەنىڭ رەھبەرلىرى كۆرۈشۈپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسىنى كېڭەشتى ئىتالىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە رەھبەرلىرى 22-ئاۋغۇست ئىتالىيەدە سۆھبەتلىشىپ، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىساى تەرەققىياتى ھەمدە مۇساپىرلار كىرىزىسى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى شۇ كۈنى ئىتالىيەدىكى كىچىك ئارال ۋېنتوتېنېغا جەم بولدى، سۆھبەت «گارىبالدى» ناملىق ئاۋىئاماتكىدا ئۆتكۈزۈلدى. رېنزى سۆھبەتتىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغانلىقى سەۋەبى بىلەن ئاياغلاشمايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كەلگۈسىنى يېزىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبىرى سۆھبەتتە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە پۈتكۈل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىرتقى چېگرا بىخەتەرلىك تەدبىرىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر