باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھۆججەت تارقىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلىش، مەبلەغ سېلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورناتتى

2016.08.25 10:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 23-ئاۋغۇست «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلىش، مەبلەغ سېلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» نى تارقاتتى. «پىكىر» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلىش، مەبلەغ سېلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تەتۈر تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈلۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش دائىرىسى، ئۆلچىمى، تەرتىپى ۋە شەكلى روشەن قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىدە قانۇن بولىدىكەن ئەمەل قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھەر دەرىجىلىك مەبلەغ سالغۇچى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىنپ ۋە ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى مەجبۇرىيىتى روشەن، تەرتىپى ئېنىق، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ جاۋابكارلىقى ۋاقتىدا سۈرۈشتۈرۈلۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت قىلىش، مەبلەغ سېلىش ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت چەكلىمىس كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر