خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لى كېچياڭ 22-ئاۋغۇست گەنجۇ شەھىرىنىڭ فۇشۇۋگۇ يەر ئاستى سۇ چىقىرىش سىستېمىسىنى تەكشۈردى. بۇ قۇرۇلۇش شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىشلىتىلمەكتە. زۇڭلى ماختاپ مۇنداق دېدى: فۇشۇۋگۇ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، زەي چىقىرىپ، ئۇزاق يىل خەلققە بەخت ياراتتى، بۇ جۇڭگونىڭ شەھەر يەر ئاستى ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش تەجرىبىسىنى ماختاشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى بەرپا قىلىشتىمۇ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان شەھەر ۋىجدان قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى