خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- ئاۋغۇست، ئىران دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاسام تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: روسىيە ئىران ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئىشلىتىپ سۇرىيە تەۋەسىدىكى ئەسەبىي تەشكىلاتقا زەربە بېرىشنى توختاتتى. شۇ كۈنى، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئىراننىڭ ھەربىي بازىسىدىن ئايرىلىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى