باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئاقساراي ئوباما ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقىماقچى دېدى

2016.08.24 14:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئاقساراينىڭ باياناتچىسى ئېرنىست 22-ئاۋغۇستتىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما يەنىلا ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە كۇبا گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقىماقچى دېدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 15-ئاۋغۇست ئامېرىكا گۈەنتانامو تۈرمىسىگە قاماقلىق 15 مەھبۇسنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى دېگەن ئىدى. بۇ-ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيانقى گۈەنتانامو تۇرمىسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مەھبۇسلارنى يۆتكەش ھەرىكىتى بولۇپ، ئوبامانىڭ بۇ تۇرمىنى تاقاشتىكى ئەڭ كۈچلۈك سىگنالى دەپ قارالغان. ئېرنىست مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ كونكرېت تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىدى، لېكىن ئۇ ئوباما ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ كەلدى دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر