باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭنىڭ «ساغلام جۇڭگو» قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2016.08.25 10:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى. ھەممە كىشىنى ئاساسىي داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش مىليونلىغان ئاممىنىڭ بەختىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى نامايان قىلىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسي داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرى جامائەت پاراۋانلقىدا چىڭ تۇرۇش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنى باراۋەر، سىستېمىلىق، سىجىل ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇلازمىتىدىن بەھرلەندۈرۈش كېرەك. يېقىندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق خىزمەتچىلىرى، مۇتەخەسىس، ئالىملار ۋە ئاساسىي قاتلام ئاممىسى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇھىم سۆزدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە قەتئىي ئىرادىسى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا قويۇش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. بۇ مۇھىم بايان يۇقىرى قاتلاملىق، ئىدىيەسى چوڭقۇر ۋە مەزمۇنى مول بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ قىزغىن مۇلاھىزىسىنى قوزغايدىغان ئاساسىي تېمىغا ئايلىنىدۇ.

  بېيجىڭ دوختۇرخانسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى زېڭ يىشىن مۇنداق دېدى: «ئاممىنى ئادىل، ساغلام مۇلازىمەتتىن بەھرلەندۈرۈشتە، جۇڭگونىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى بار، جەزمەن تېخىمۇ ياخشى ئەندىزىنى يارىتالايدۇ». ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئومۇميۈزۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇل خاراكتېرلىك ۋە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر كۈتۈنۈش ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۇل ئامانەت قويىدۇ، ئىستېمال قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق. ئېلىمىزدىكى كۆك نامراتلارنىڭ بىر قىسمى كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلاشقان، ئومۇمىي خەلقنى ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتىدىن بەھرلەندۈرۈش كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىققا قايتىدىغانلارنى ئازايتىشقا پايدىلىق بولۇپ، ساغلاملىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كۆك نامراتلارنىڭ سانىنى ئازايتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر