باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش توغرىسىدا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئۇقتۇرۇشى چىقاردى

2016.08.24 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 10- سېنتەبىر ئېلىمىزنىڭ 32- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا. تۈنۈگۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016- يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىشىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى داغدۇغىلىق ۋە ئاددىي-ساددا قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا مۇخالىپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ "بەلگىلىمىگە خىلاپ ھاالدا سوۋغات ئېلىش ۋە ھەقلىق دەرس تولۇقلاش" دېگەندەك قىلمىشلارنى مەنئى قىلىش جەھەتتىكى مەخسۇس تۈزەشنى قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇشنى تەكىتلىدى.

  جايلاردىكى ھەر قايسى مەكتەپلەرگە قارىتا، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، مائارىپقا پايدىلىق بولۇش ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى، تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ يېزىلاردىكى بىرىنچى سەپتە تۇرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوقۇتقۇچىلار، دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار، نامرات ئوقۇتقۇچىلار ۋە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، زىيارەت قىلىپ، ھال سوراش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇپ ، ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ھەقىقىي ئەمەلىي ۋە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر