باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىل گايتسنىڭ مال - مۈلكى يەنە يېڭى رېكورت يارىتىپ 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى

2016.08.24 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىل گايتس ( ماتېرىيال سۈرەت )

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەر شارىدىكى بىرىنچى باي، ئامېرىكا مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتسنىڭ بايلىقى يەنە يېڭى رېكورت ياراتتى. ئامېرىكا بىلومبېرگ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 22 - ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، بىل گايتىسنىڭ ساپ مۈلكى مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنى 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، پايدىسى كانادا دۆلەت تۆمۈر يول شىركىتى ۋە Ecolab شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن كارخانىنىڭ پاي پايدىسىدىن كەلگەن. بىل گايتىسنىڭ ھازىر بايلىقى يەر شارى بويىچە ئىككىنچى باي، ئىسپانىيە كىيىم - كېچەك گۇرۇھى يىڭدىدې شىركىتىنىڭ غوجايىنى ئامانسو ئولتىگارنىڭ 13 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مۈلكىدىن ئېشىپ كەتكەن. بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ ھېسابلىشىچە، گايتىسنىڭ ھازىرقى مۈلكى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ( GD ) نىڭ تەخمىنەن % 0.5 ىگە تەڭ كېلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر