باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئېلىمىزدىكى 26 ئۆلكە ياشانغانلار ياردەم پۇلى سىياسىتىنى يولغا قويدى

2016.08.24 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنىڭ ياشانغانلار پاراۋانلىق تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئېلىمىزدىكى 26 ئۆلكە ياشانغانلار ياردەم پۇلى سىياسىتىنى يولغا قويغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشچە، ھازىر بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، سەنشى قاتارلىق 26 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ياشانغانلار ياردەم پۇلىغا ئالاقىدار قوشۇمچە ياردەم پۇلى سىاسىتىنى يولغا قويغان، جىلىن، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي قاتارلىق 20 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ياردەم پۇلىغا ئالاقىدار قوشۇمچە ياردەم پۇلى سىياسىتىنى يولغا قويغان، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، گۇيجۇ، شىزاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق 17 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر پەرۋىش قىلىش ياردەم پۇلىغا ئالاقىدار قوشۇمچە ياردەم پۇلى سىياسىتىنى يولغا قويغان.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئالاقىدار ياردەم پۇلى سىياسىتىنى يولغا قويمىغان رايونلار شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تېز يولغا قويۇشى كېرەك. ئالاقىدار ياردەم پۇلى سىياسىتىنى يولغا قويغان رايونلار، ياشانغانلارنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، قاپلاش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ياشانغانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر