باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تالون چىرىكلىكى ئەۋج ئالماقتا

پارا ئالغان 490 مىڭ يۈەننىڭ ھەممىسى «تالون ئاتچوت قىلدۇرۇش»تىن كەلگەن

2016.08.24 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دوكتۇرلۇق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خېنەن ئۆلكىسى دېڭفېڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جۇ ياۋخۇي 490 مىڭ يۈەن پارا قۇبۇل قىلغانلىقتىن، يېقىندا مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ھەم 250 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، جېڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن ئۇنىڭ 10 تۈرلۈك پارا ئېلىش قىلمىشىنىڭ ھەممىسى سېتىۋېلىنغان تاۋارلارنىڭ تالونلىرىنى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلاردىن ئاتچوت قىلىشنى تەلەپ قىلىش ئىكەن.

  تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، «تالون ئارقىلىق چىرىكلىشىش» ئاز ساندىكى كادىرلارنىڭ چىرىكلىشىشىدىكى گەۋدىلىك شەكلى بولۇپ، بەزىلىرى تالون ئاتچوت قىلدۇرۇشنى شەكىلسىز پاراۋانلىق، ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئىگىلىۋېلىشقا ئايلاندۇرۇۋالسا، بەزىلىرى تالون ئاتچوت قىلدۇرۇشنى تەۋە ئورۇنلار، تەۋە كارخانىلاردىن شەكلى ئۆزگەرگەن پارا تەلەپ قىلىش ۋاسىتىسى قىلىۋالغان، ئاخىرىدا بۇ تالونلار چىرىكلەشكەنلەرنىڭ جازا مۇددىتى ئۆتەش ئۈچۈن «پۇل تۆلەش»تىكى ئىسپاتى بولۇپ قالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر