باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئەل ئىچى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى

2016.08.24 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئەل ئىچى مەدەنىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۆمىكى يېقىندا ئاۋات ناھىيەسىگە كېلىپ، دولان مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالتە كىشى دولان مۇقاملىرىنى ئاڭلاش، دولان دېھقان رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈش، يەرلىكتىكى دولان مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرىنى زىيارەت قىلىش، ئاۋات ناھىيەسىدىكى دولان مەدەنىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ئىگىلەش ئارقىلىق دولان مەدەنىيىتىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى، تەشۋىقات ئەھۋالى، پېشقەدەم دولان سەنئەتكارلىرىنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

  بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن ئەكبەر ئەيسا تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنسىتېتۇتىنىڭ سەنئەت لايىھەلەش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، كىچىكىدىن ئەلئىچى مەدەنىيىتىگە ناھايىتى قىزىققاتتى. بۇ قېتىم ئۇ ئۆز كەسپى بىلەن ئالاقىدار يازلىق تەتىللىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتى بارلىقىنى ئاڭلاپ بالدۇرلا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، نەق مەيداندا ئەلئىچى سەنئەتكەرلىرى بىلەن تەجرىبە ئالماشتۈرۈش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە بولدى.

  تارىم ئېنىۋېرسىستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەكبەر ئەيسا مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىم ئاۋات ناھىيەسىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، دولان مەدەنىيىتىگە بولغان مۇھەببىتىم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. مەكتەپكە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆگەنگەنلىرىمنى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئىشلىتىپ، دولان مەدەنىيىتىنىڭ سىرىنى ئېچىشقا تىرىشىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر