باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

33-نۆۋەتلىك خەلقئارا جۇغراپىيە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2016.08.23 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئاۋغۇست، 33-نۆۋەتلىك خەلقئارا جۇغراپىيە يىغىنى (33rd International Geographical Congress) بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە تەنتەنىلىك ئېچىلدى، بۇ ھەم بۇ يىغىننىڭ 1871-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم جۇڭگودا ئېچىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 5000گە يېقىن مۇتەخەسسىس-تەتقىقاتچىلار بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى «ئىناق دۇنيا بەرپا قىلايلى» بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس-تەتقىقاتچىلار جۇغراپىيە پەنلىرى تەرەققىياتى ئەھۋالى ۋە قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  بۇ قېتىملىق يىغىن «جۇغراپىيە پەنلىرى ۋە كەلگۈسىدىكى يەرشارى»، «كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە دۇنيانى چۈشىنىش»، «شەھەرلىشىش ۋە سىجىل تەرەققىيات» قاتارلىق بەش ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ 100 مەيداندىن ئارتۇق دوكلات، مۇنبەر، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە سالون قاتارلىق پائالىيەتلەردىن باشقا، يەنە دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئېھتىياجىغا قارىتا «ئوتتۇرا ئاسىيا مۇنبىرى»، «تاغلىق يەر مۇنبىرى» قاتارلىق ئۆزگىچە تېمىلار تەسىس قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، خەلقئارا جۇغراپىيە يىغىنىنى خەلقئارا جۇغراپىيە ئىتتىپاقى (International Geographical Union) ئۇيۇشتۇرغان يەرشارى خاراكتېرلىك خەلقئارا جۇغراپىيە يىغىنى بولۇپ، 1871-يىلى تەسىس قىلىنغان، ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن. گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، جۇڭگو جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى 2008-يىلى تۇنىستا ئۆتكۈزۈلگەن 31-نۆۋەتلىك خەلقئارا جۇغراپىيە يىغىنىدا 2016-يىلى 33-نۆۋەتلىك خەلقئارا جۇغراپىيە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلغان ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا جۇغراپىيە يىغىنىنى خەلقئارا جۇغراپىيە ئىتتىپاقى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇغراپىيە پەنلىرى ۋە بايلىق تەتقىقات ئورنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، مەملىكەت بويىچە 20دىن ئارتۇق جۇغراپىيە تەتقىقات ئورگىنى ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر