باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش خىزمەت لايىھەسى» تارقاتتى

2016.08.23 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش خىزمەت لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مۇھىم ھالقىلارنى ئىگىلەش، ھازىرقى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ تەرەققىي قىلىش، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش بىلەن ياخشىلىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تاشقى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش بىلەن كارخانىلارنىڭ ئىچكى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت، بازار ۋە كارخانىلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخىنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار بېكىتىلدى: تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ باج يۈكى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخى، ئېنېرگىيە تەننەرخى، ئوبوروت تەننەرخى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ۋە ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئۆسۈشىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش كېرەك؛ ئۈچ يىلغىچە ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەننەرخىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ، پايدا ئېلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، كەسىپنىڭ رىقابەت كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر